ئەنقەرەدە غەززە يۈرۈشى ۋە چوڭ يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن تەرەپلەرنىڭ نەزىرىنى غەززەدىكى پاجىئەگە يۈزلەندۈرۈش ۋە پەلەستىنلىكلەرنى قوللاش ئۈچۈن، ئەتە پايتەخت ئەنقەرەدە «بۈيۈك غەززە يۈرۈشى ۋە چوڭ يىغىلىشى» ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2080015
ئەنقەرەدە غەززە يۈرۈشى ۋە چوڭ يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىر يەرگە جەم بولۇپ قۇرۇپ چىققان بىر سۇپا تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىلىش ۋە يۈرۈش پائالىيىتى ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزى مېترو بېكىتىدىن باشلىنىپ، ئانادولۇ مەيدانىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئانادولۇ مەيدانىدا سەنئەتچىلەر، ژۇرنالىستلار ۋە مېھمانلار ئاممىغا سۆز قىلىدىغان چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر