تۈركىيە ئۇرۇش ئاپرپىلانلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا  ئەجەللىك زەربە بەردى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا، ھاكۇرك ۋە قاندىل رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئىشلىتىۋاتقان 14 نىشان پاچاقلاپ تاشلاندى.

2079179
تۈركىيە ئۇرۇش ئاپرپىلانلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا  ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى. باياناتتا، «بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى ئىشلىتىۋاتقان ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا، ھاكۇرك ۋە قاندىل رايونىدىكى 14 نىشانغا ھاۋا ئارمىيەمىز تەرىپىدىن قاتتىق زەربە بېرىلدى» دېيىلدى.

باياناتتا، ھاۋا ھەرىكىتى  ئارقىلىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىشلىتىۋاتقان ۋە ئىچىدە مەسئۇل دەرىجىلىك تېررورچىلارنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورنى شۇنداقلا ئامبارلار بولۇپ، جەمئىي 14 نىشاننىڭ بىت چىت قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان تېرورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، يەرلىك ۋە مىللىي ئوق-دورىلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ بىرمۇ تېررورچى قالمىغانغا قەدەر قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋام قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر