ئەردوغان بىلەن ئوربان بۇداپېشتتا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى رەھىمسىزلىكىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، قويۇق دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2078118
ئەردوغان بىلەن ئوربان بۇداپېشتتا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇداپېشتتا ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋېكتور ئوربان بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ۋەھشىيلىكىنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تۇنجى كۈندىن باشلاپلا ئۇرۇش توختىتىش ۋە دۈشمەنلىشىشكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، كۈچلۈك دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.

ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتنىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىپ، مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئىگە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى تىلغا ئېلىپ، زوراۋانلىقنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارەسى ئەمەسلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «بىز باشتىن-ئاخىر ئۇكرائىنادىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىگە دىپلوماتىك چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەگەر تەرەپلەر تەلەپ قىلغان تەقدىردە، يېرىم يولدا توختاپ قالغان ئىستانبۇل مۇساپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز» دېدى.

ئەردوغان كېلىشىملەرنى تۈزۈش ئارقىلىق تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ بىرلەشمە سودا كومىتېتى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا سودا مىقدارىمىز بۇلتۇرقىدىن ئېشىپ، 4 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشتى، بىزنىڭ 6 مىليارد دوللارلىق ئورتاق نىشانغا يېتىش ئىرادىمىز قەتئىي» دېدى.

باش مىنىستىر ئوربان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋىزىنى ئەركىنلەشتۈرۈش مەسىلىسىدە ۋېنگىرىيەنىڭ تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئالدىمىزدىكى ئەسىر ئۈچۈن (تۈركىيە ئەسىرى) دىن ئىبارەت كاتتا بىر تۈرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «كەلگۈسى يۈز يىل سىلەرنىڭ بولىدۇ. بىز بۇنىڭغا ئىشەندۇق، شۇڭلاشقا بۇ كېلىشىملەرنى تۈزدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قوشقا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن ئىلگىرى، تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدا 16 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر