ئەردوغان ۋېنگىرىيەگە يۈرۈپ كەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىر ۋىكتور ئورباننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ۋېنگىرىيەگە يۈرۈپ كەتتى.

2077859
ئەردوغان ۋېنگىرىيەگە يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «تۇر» ناملىق ئايروپىلانى بىلەن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 12:00دە ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدىن ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپىشىتقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

ئەردوغاننىڭ ۋېنگىرىيە زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئىمزالانغان «دوستلۇق شەرتنامىسى»نىڭ 100 - خاتىرە يىلىغا توغرا كدلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا، ۋېنگىرىيە پرېزىدېنتى كاتالىن نوۋاك ۋە باش مىنىستىر ۋىكتور ئوربان بىلەن كۆرۈشۈشى ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنىشى پىلانلانماقتا.

سۆھبەتلەر جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن تارتىپ غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگىچە بولغان كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە-ۋېنگرىيە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك كېڭەش يىغىنى ئېچىلىدۇ.

ئىقتىساد، سودا، مۇداپىئە سانائىتى، ئېنېرگىيە ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەرلەر ئاساسىي نۇقتا بولىدىغان زىيارەت جەريانىدا يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 16 تۈرلۈك ھۆججەتنىڭ ئىمزالىنىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر