ئەردوغان ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن (18-دېكابىر) ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2077684
ئەردوغان ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغاننىڭ ۋېنگىرىيە زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئىمزالانغان «دوستلۇق شەرتنامىسى» نىڭ 100 - خاتىرە يىلىغا توغرا كدلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا، ۋېنگىرىيە پرېزىدېنتى كاتالىن نوۋاك ۋە باش مىنىستىر ۋىكتور ئوربان بىلەن كۆرۈشۈشى ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنىشى پىلانلانماقتا.

سۆھبەتلەر جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن تارتىپ غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگىچە بولغان كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە-ۋېنگرىيە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك كېڭەش يىغىنى ئېچىلىدۇ.

ئىقتىساد، سودا، مۇداپىئە سانائىتى، ئېنېرگىيە ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەرلەر ئاساسىي نۇقتا بولىدىغان زىيارەت جەريانىدا يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 16 تۈرلۈك ھۆججەتنىڭ ئىمزالىنىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر