ئەردوغان بۇداپېشتقا يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىر ۋىكتور ئورباننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ۋېنگىرىيەگە يېتىپ باردى.

2077902
ئەردوغان بۇداپېشتقا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى بۇداپېشت فرەنس لىسزت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى پېتېر سزىجارتو، ۋېنگىرىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىكتور ماتىس، ۋېنگرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نېفىت ئىشلىرى باش ئىدارىسى مۇدىرى ئانېت ۋارگا، تۈركىيەنىڭ بۇداپېشىتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گۈلشەن ئەكشىئوغلۇ بىلەن رەپىقىسى ئەكرەم ئەكشىئوغلۇ قارشى ئالدى.

ئەردوغاننىڭ ۋېنگىرىيە زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئىمزالانغان «دوستلۇق شەرتنامىسى»نىڭ 100 - خاتىرە يىلىغا توغرا كدلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا، ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى كاتالىن نوۋاك ۋە باش مىنىستىر ۋىكتور ئوربان بىلەن كۆرۈشۈشى ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنىشى پىلانلانماقتا.

سۆھبەتلەر جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن تارتىپ غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگىچە بولغان كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە-ۋېنگرىيە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك كېڭەش يىغىنى ئېچىلىدۇ.

ئىقتىساد، سودا، مۇداپىئە سانائىتى، ئېنېرگىيە ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەرلەر ئاساسىي نۇقتا بولىدىغان زىيارەت جەريانىدا يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 16 تۈرلۈك ھۆججەتنىڭ ئىمزالىنىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر