ئەلى يەرلىكايا يېقىنقى 11 ئاي ئىچىدە 1069 تېررورچىنىڭ بىرتەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا 2023-يىلىدىكى 11 ئاي ئىچىدە 59 ئاتالمىش ​​يۇقىرى دەرىجىلىك تېررورچى كاتىباشلىرى بولۇپ، جەمئىي 1069 تېررورچىنىڭ بىرتەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2077431
ئەلى يەرلىكايا يېقىنقى 11 ئاي ئىچىدە 1069 تېررورچىنىڭ بىرتەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلى يەرلىكايا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، 40 نەچچە يىلدىن بۇيان دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە باراۋەرلىكىگە قەست قىلىۋاتقان شۇنداقلا  دۆلەتنىڭ 40 مىڭدىن ئارتۇق پەرزەنتىنى شېھىت قىلغان بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر ئارقىلىق بىخەتەرلىك قىسىملىرى قولغا كەلتۈرگەن مەيدان ئۈستۈنلىكى نەتىجىسىدە، تېرورلۇقنىڭ ئاخىرلىشىش باشقۇچىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەلى يەرلىكايا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، بۇ يىل 11 ئاي ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 1069 تېرورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلى يەرلىكايا: «بىر تەرەپ قىلىنغانلاردىن  7 نەپىرى قىزىل رەڭلىك، 1 نەپىرى كۆك رەڭلىك 2 نەپىرى يېشىل رەڭلىك،  16 نەپىرى ئاپېلسىن ۋە 33 نەپىرى كۈلرەڭ تۇتۇش بۇيرىقى تىزىملكىدە ئورۇن ئالغان جەمئىي 59 نەپەر  ئاتالمىش ​​يۇقىرى دەرىجىلىك تېرورچى كاتتىبناشلىرىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر