ئەردوغان ئەننەھيان بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2077280
ئەردوغان ئەننەھيان بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھياننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى، رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تىرىشچانلىقلىرى، تۈركىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش يولىدا ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرى ۋە تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا تاشلىنىۋاتقان قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشىنى دەرھال  توختىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى،  ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن تاشلىنىۋاتقان قەدەملەرنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتقان. شۇنداقلا، رايوندا تىنچلىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشمە باشلىقلار يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارلارنىڭ قەتئىي ئىجرا قىلىنىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر گەۋدە ھالىتىدە پەلەستىننى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر