پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى  رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

2077296
پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان  باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

«قەھرىمان قىسىملىرىمىز <تېررورچى قەيەردە بولسا، زەربە بېرىش نىشانىمىز دەل شۇ يەر بولىدۇ> شوئارى ئاستىدا تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ دائىرىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنجە – قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى يەنە 5 تېررورچى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن، تۈنۈگۈن رايوندا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 7 گە يەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر