فىدان قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى.

2077290
فىدان قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان  ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىلىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىلىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى دائىرىسىدە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى،  سىكاندىناۋىيە ۋە بېنېلۇكس دۆلەتلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يېتىپ بارغان نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا چاقىرىلغان قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تور يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.

يىغىندا، تۈركىيە ئىيۇلدىن بۇيان ئۆتەۋاتقان قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئالبانىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان  باياناتىدا، قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ 47 – نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلگەنىدى:   

«تۈركىيە قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى   1 – ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈۋالغان بولۇپ، بۇ دائىرىدە، <يېڭىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش تېخنولوگىيەسىلىدىن پايدىلىنىپ ئىگىلىك تىكلەش – يېڭى ئۇسۇلدا ئىگىلىك تىكلەشنىڭ رولى> چىقىش نۇقتا قىلىنىپ، ئىنتايىن مۇھىم خىزمەتلەر ئىشلەندى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۈملىدىن، قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىڭ مۇھىم قارالمىلىرىدىن بىرى بولغان قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادىي كۈنتەرتىپى ھۆججىتى يېڭىلاندى، لايىھە تەرەققىي قىلدۇرۇش فوندىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلدى، قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا كېڭىشىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر