پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى تەسلىم بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قېچىپ كەتكەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى ھابۇردىكى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىغا تەسلىم بولدى.
2077010
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:
«تېررورچىلارنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى تۈركىيەنىڭ ئادالىتىگە تەسلىم بولۇشتۇر. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قېچىپ كەتكەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى، ھابۇردىكى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىغا تەسلىم بولدى.»