مىنىستىر شىمشەك ئىسپانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئىسپانىيەدە بۈگۈن (14-دېكابىر) ۋە ئەتە (15-دېكابىر) دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2076464
مىنىستىر شىمشەك ئىسپانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر شىمشەككە زىيارىتى داۋامىدا، تۈركىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ باشلىقى ھافىزە گايە ئەركانمۇ ھەمراھ بولىدۇ.

شىمشەك بىلەن ئەركان ئىسپانىيەدىكى ئومۇمىي مەبلىغى 600 مىليارد ياۋرودىن ئاشىدىغان 80 دىن ئارتۇق يەر شارى خاراكتېرلىك شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ، شۇنداقلا، 2 تىرىليون دوللارنى باشقۇرىدىغان 30 دىن ئارتۇق بانكا ۋە مەبلەغ سېلىش فوندىلىرىنىڭ دىرېكتورلىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

شىمشەكنىڭ ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان زىيارىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر