ئەردوغان ئاقىلە سالىھنى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىۋىيە ئاۋام پالاتاسى باشلىقى ئاقىلە سالىھنى قوبۇل قىلدى.
2076272
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېپىق ئۇچرىشىشقا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇشمۇ قاتناشتى.