تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا، مەتىنا، خاكۇرك ۋە قاندىل رايونلىرىدىكى ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك تېررورچىلارنىڭ تۇرۇۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان 13 ئورۇنغا ھاۋادىن زەربە بەردى.

2075381
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پ ك ك / ك ج ك ۋە باشقا تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئىراقنىڭ شىمالىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پۇرسەتلىرىنى يوقىتىش ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىزامنامىسىنىڭ 51 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قانۇنلۇق قوغدىنىش ھوقۇقىغا ئاساسەن، تېررورچىلارنىڭ ئىراقنىڭ مەتىنا، گارا، خاكۇرك ۋە قاندىل رايونلىرىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش مەسئۇل تېررورچىلارنىڭمۇ تۇرۇۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان ئۆڭكۈرلەر، پاناھلىنىش ئورۇنلىرى ۋە ئىسكىلاتلار بولۇپ، جەمئىي 16 نىشان يوقىتىپ تاشلاندى. ئاساسىي جەھەتتىن يەرلىك ئوق – دورىلار ئىشلىتىلىپ ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، نۇرغۇن تېررورچىلار بىر تەرەپ قىلىندى.

ئالىيجاناب خەلقىمىزنىڭ باغرىدىن چىققان تۈركىيە ئارمىيەسى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بۈگۈنمۇ دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ھەرىكەت جەريانىدا، بىگۇناھ پۇقرالار، دوست كۈچلەر، تارىخىي، مەدەنىيەت بايلىقلىرى ۋە مۇھىتقا زىيان يېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر