ئەردوغان: نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى چوقۇم سوتلىنىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «تۈركىيە تېخىمۇ كۆپ قان ئاقماسلىقى، تېخىمۇ ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكى، تېخىمۇ كۆپ كۆز ياشلارنىڭ تۆكۈلمەسلىكى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار» دېدى.

2075217
ئەردوغان: نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى چوقۇم سوتلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2023-يىللىق ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

ئۇ ئوتتۇرا شەرقتە 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ئۈستىدە توختىلىپ: «تۈركىيە تېخىمۇ كۆپ قان ئاقماسلىقى، تېخىمۇ ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ۋە تېخىمۇ كۆپ كۆز ياشلارنىڭ تۆكۈلمەسلىكى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار. دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا مەسئۇل خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش قابىلىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بۈگۈن تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۇق. ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش ئەمەلگە ئاشماي ئۆتكەن ھەر بىر كۈن، ھەر بىر مىنۇتنىڭ بەدىلىنى، ئوت ئۈستىگە ياغ بېنزىن چاچقان غەربلىكلەرلا ئەمەس، ناھايىتى ئەپسۇسكى بىگۇناھ پۇقرالارمۇ تۆلىمەكتە.

غەززەدە 70 تىن ئارتۇق ژۇرنالىست جېنىدىن ئايرىلدى. دۇنيا قەيەردە؟ دۇنيادىكى مەشھۇر ئاخبارات ئورگانلىرى قەيەردە؟ ئۇلارنىڭ ئاۋازى نېمىشقا چىقمايدۇ؟ دۇنيادىكى چوڭ ئاخبارات ئورگانلىرى غەززەدىكى ۋەھشىيلىكلەرگە كۆز يۇمۇشنى، ھاماسنى باھانە قىلىپ مۇخبىرلارنى ئۆلتۈرۈشنى يوللۇق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئانادولۇ ئاگنېتلىقىمىزدا شېھىت بار، بۇ يەردە كۆرگىنىمىزدەك يارىلانغان غازى كامېراچىمىز بار. بۇلار قەيەردە بولدى؟ غەززەدە. ھەر كۈنى بىر مۇخبىر ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ. يىللاردىن بۇيان ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن دەرس بەرگەن ئورگانلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ ئاۋازى چىقمايۋاتىدۇ.

بارلىق ۋەھشىيلىكلەرگە قارىماستىن غەززەلىكلەرنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىغان ئىسىرائىلىيەنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىمۇ مەغلۇب بولدى. ھەر تۈرلۈك خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ، غەززەدىن دۇنياغا ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇچۇر-ئالاقە كارىدورى ئاچقان ت ر ت نى، ئانادولۇ ئاگنېتلىقىنى ۋە باشقا ئاخبارات ئورگانلىرىمىزنى تەبرىكلەيمەن. ت ر ت ئۈنلۈك چىقمايۋاتقان ئاۋازلارنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە ۋەقەلەرنى ھە رتەرىپى بىلەن بىلدۈرۈش ۋەزىپىسىنى تەلەپكە لايىق ئورۇنلىماقتا» دېدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى تېررورىستتۇر. ئۇلار چوقۇم لاھېيدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلىدۇ.»

ئۇ ئاخىرىدا: «ئىسىرائىلىيەنىڭ زالىملىق قىلىشىنى توسىيالمىساق، دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە ھېچكىم ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلالمايدۇ. چۈنكى دېۋە سولانغان شىشەنىڭ ئېغىزى بىر قېتىم ئېچىلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر