2023-يىللىق ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيادا كەڭ قاتناشقۇچىلىرى بولغان 2023-يىللىق «ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى» ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

2075215
2023-يىللىق ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت تەرىپىدىن 2023-يىللىق ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى يىغىنى 8-9-دېكابىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

2023-يىللىق ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى يىغىنى «بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش: مەسئۇلىيەتلەر ۋە ھەل قىلىش چارەلىرى» تېمىسى ئاستىدا ئىستانبۇلدا باشلاندى.

ت ر ت نىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، بۈگۈنگىچە 8 مىڭ 500 دىن ئارتۇق مېھماننى ۋە 651 سۆز قىلغۇچىنى بىر يەرگە جەم قىلغان ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى يىغىنىغا، بۇ يىلمۇ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن ئاكادېمىك، سىياسەتچى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، بىيۇكرات ۋە ژۇرنالىستلاردىن تەركىپ تاپقان 153 سۆز قىلغۇچى قاتناشقان.

بۇ يىل 7-قېتىملىقى بولغان ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى يىغىنىدا، دۇنيا مەسىلىلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئەكىلىش ۋە ھەل قىلىش چارە-تەكلىپلىرى سۇنۇلغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز بىلەن بەزى مىنىستىرلارمۇ مۇھىم تېمىلاردا سۆز قىلغان.

يىغىندا، خەلقئارا بىخەتەرلىك، ئېنېرگىيە ۋە كىلىمات، ئىقتىساد، تېخنولوگىيە، سۈنئىي ئەقىل، ئاخباراتچىلىق بىلەن سىياسەت مەسىلىلىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.

مۇتەخەسسىسلەر «تۈركىيە يۈز يىلى غايىسى: تەرتىپ ئورناتقۇچى ئاكتىيور بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە»، «ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززە ئۇرۇشى: ئىنسانىي كىرىزىس ۋە تىنچلىق ئۈمىدلىرى»، «دىجىتال دەۋردە دۆلەت ئاخباراتچىلىقى: قىيىنچىلىقلار ۋە پۇرسەتلەر» قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بارغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر