ئىراقنىڭ شىمالىدا سەككىز تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى سەككىز تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

2073412
ئىراقنىڭ شىمالىدا سەككىز تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى «تېررورچى قەيەردە بولسا زەربە بېرىش نىشانىمىز شۇ يەردۇر» شوئارى ئاستىدا تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى سەككىز تېررورچىنىڭ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھەرىكىتى داۋامىدا بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، رايوندا ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قېچىپ كەتكەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى، تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلگەنىدى:

«قەھرىمان قىسىملىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قاچقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى، ھابۇردىكى چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىمىزغا تەسلىم بولدى.»

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بولسا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى، تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر