جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيە – قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن (4-دېكابىر) پايتەخت دوھاغا يېتىپ باردى.

2072546
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەسمىي كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەر ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق، ئۇرۇش توختىتىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرى ۋە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش مەسىلىلىرى بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشى، شۇنداقلا قانۇنىي جەھەتتىن خىزمەت ئىشلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئىككى رەھبەر كېيىنچە 9-نۆۋەتلىك تۈركىيە-قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنىغا قاتناشتى، يىغىندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىرلەشمە باياننامە ۋە 12 كېلىشىمنى ئىمزالىدى.

ئەردوغان كېيىنچە ئالسانى تەرىپىدىن شەرىپىگە بېرىلگەن كەچلىك تاماق زىياپىتىگە قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۈگۈن (5-دېكابىر) قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 44-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر