ئۆمەر چەلىك نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2069785
ئۆمەر چەلىك نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك پارتىيە مەركىزىدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى.

ئۆمەر چەلىك «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى بىلەن غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆرسىتىلگەن» رەسىم ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بىگۇناھ يەھۇدىيلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ بىگۇناھ غەززە خەلقىگە قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ پەرقى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

ئۆمەر چەلىك: «پەلەستىندىكى ئىنسانىيەتكە خىلاپ ۋەزىيەت يېتىپ كەلگەن ھازىرقى نۇقتىدا، 6150 دىن ئارتۇق كىچىك بالا ۋە 4000 دىن ئارتۇق ئايالنى قوشقاندا تەخمىنەن 15 مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈلدى. بۇ قەتلىئام ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنى <ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بار> دېگەن جۈملىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ قوللىغان دۆلەتلەر ئەپسۇسكى، غەرب دۇنياسىدا ھازىرمۇ كۆپ سانلىقتا» دېدى ھەمدە غەربتىكى نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك ۋىجداننىڭ ساداسىغا ئارقىنى قىلىۋالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆمەر چەلىك ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرى ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئۇرۇشنىڭ تاكتىكىلىق باسقۇچى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر چەلىك: «ئۈمىد قىلىمەنكى <ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش تۇرش> دېيىلگەن ۋە ئىسرائىلىيە تاكتىكىلىق مەسىلە دەپ قارايدىغان بۇ ئەھۋال، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشقا ئايلانغاي» دېدى.

ئۆمەر چەلىك <ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش تۇرش> ۋەسىلىسى بىلەن، بۇ ۋەيرانچىلىقنىڭ كۆلىمىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق نىتانىياھۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پەلەستىنلىكلەرگە ۋە بىگۇناھ غەززە خەلقىگە ئېلىپ بېرىلماقتا. غەززەنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ۋەيران بولدى. بارلىق ئۆيلەر يىقىلدى. ھەتتا دوختۇرخانىلارمۇ ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ بومباردىمان قىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر