«قەھرىمان -30» ناملىق ھەرىكەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ئالتە ۋىلايەتتە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «30-قەھرىمان» ناملىق ھەرىكەتتە، 63 ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورۇنلىرى ۋە ئوق - دورا ئىسكىلاتلىرىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېررورىستلارنىڭ قىش ئايلىرىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە ئۆڭكۈر ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا يوشۇرغان ھەر خىل قورال-ياراغ، ئوق-دورا ۋە پارتلاتقۇچ ماددىلارنى يوقىتىش ئۈچۈن «30-قەھرىمان» ناملىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ھەرىكەت جەريانىدا ئالتە ۋىلايەتتە 63 ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئىسكىلاتلارنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ باياناتىدا: «تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسىنى بىر-بىرلەپ ۋەيران قىلىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ۋەيران قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
ئەلى يەرلىكايا شىرناك، سىئىرت، قاھرامانماراش، دىيارباكىر، مۇش ۋە تۇنجەلىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە «ئاتاك» ناملىق تىك ئۇچارلارنىڭمۇ قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.