پ ك ك/ي پ گ يەنە بالىلارنى تۇتقۇن قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قوللاۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ سۈرىيەنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىدە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەيخ مەقسۇد مەھەللىسىدە 13 ياشلىق بىر بالىنى تۇتقۇن قىلدى.

2069246
پ ك ك/ي پ گ يەنە بالىلارنى تۇتقۇن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئۆز سېپىدە مەجبۇرىي ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن سۈرىيەدە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى رايونلاردىكى بالىلارنى ئائىلىلىرىدىن قاچۇرۇپ، تۇتقۇن قىلماقتا.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ سۈرىيەنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىدە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەيخ مەقسۇد مەھەللىسىدە 13 ياشلىق بىر بالىنى تۇتقۇن قىلدى، ئاندىن ئۇنىڭغا قوراللىق تەلىم – تەربىيە بېرىش ئۈچۈن، ئۇنى ئاتالمىش ​​مەشىق لاگېرىغا ئېلىپ كەتتى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تۇتقۇن قىلىنغان بالىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىغا يول قويمايدۇ.

خەلقئارالىق تەشكىلاتلارمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ بالىلارنى مەجبۇرىي ئۇرۇشقا سالىدىغانلىقىنى دەلىل – ئىسپاتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2022-يىلى 1-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى «ھەر يىلى قوراللىق توقۇنۇشلارغا سېلىنىۋاتقان بالىلار» ناملىق دوكلاتىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ نىڭ 2022-يىلى 1200 دىن ئارتۇق بالىنى «ئەسكەر» قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس مەزكۇر دوكلاتتىكى باياناتىدا، مۇنداق دېگەنىدى:  

«پ ك ك/ي پ گ نىڭ بالىلارنى ئەسكەر قىلىپ ئىشلىتىشىدىن ئىنتايىن ئەندىشىلىكمەن. پ ك ك/ي پ گ نى بالىلارنى ئەسكەر ۋە ئوخشىمىغان مەقسەتتە ئىشلىتىشنى توختىتىشقا، سېپىدىكى بارلىق بالىلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر