فاھرەتتىن ئالتۇن ئىسرائىلىيەنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا قارشى كۈرەش ھەققىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تەتۈر تەشۋىقاتقا قارشى كۈرەشنى قەتئىلىك بىلەنن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2068862
فاھرەتتىن ئالتۇن ئىسرائىلىيەنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا قارشى كۈرەش ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن ئىستانبۇلدا ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر – ئالاقە باشلىقلار يىغىنى (Stratcom Summit'23) دا يېپىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن باشلىقلار يىغىنىدا پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت سىلىۋاتقان ئارىلاشما تەھدىتلەرگە قارشى قانداق، قايسى يول ۋە ئۇسۇللار بىلەن كۈرەش قىلىشنى مۇزاكىرەلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، «ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر – ئالاقە خادىملىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز شەخسلەر، جەمئىيەتلەر، مەدەنىيەتلەر، دۆلەتلەر ۋە دېموكراتىيەلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئارىلاشما تەھدىتلەرگە قارشى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك» دېدى.

يەر شارىدىكى ئادالەتسىزلىكنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلار ۋە ساختا خەۋەرلەر ئارقىلىق كېڭىيىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز دۇنيا مىقياسىدا تەشكىللىنىمىز. ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق يالغان خەۋەر، تەتۇر تەشۋىقات ۋە ئارىلاشما تەھدىتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىمىز» دېدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن ئىسرائىلىيە زۇلمىنىڭ مۇخبىرلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ توغرا ۋە ساغلام ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئۆز قاراڭغۇلۇقلىرى ئىچىدە ئىشلەپچىقارغان يالغان خەۋەرلەر بىلەن ھەقىقەتنى بۇلغاش، شۇنداقلا بۇرمىلاشنى مەقسەت قىلغان بارلىق پائالىيەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئۇ ئاخىرىدا، تەتۇر تەشۋىقات ۋە پىكىر مونوپۇل قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەشتە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر