ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئاياللارغا مۇشتۇمزورلۇق قىلىشقا تاقابىل تۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئاياللارغا مۇشتۇمزورلۇق قىلىشقا قارشى تۇرۇشنى تۈپ سىياسەتكە ئايلاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

2068774
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئاياللارغا مۇشتۇمزورلۇق قىلىشقا تاقابىل تۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن <خەلقئارا ئاياللارغا مۇشتۇمزورلۇق قىلىشقا خاتىمە بېرىش> يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، بۇنىڭدىن 24 يىل ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 24 – نويابىرنى <خەلقئارا ئاياللارغا مۇشتۇمزورلۇق قىلىشقا خاتىمە بېرىش> بايرىمى دەپ بېكىتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئەردوغان تۈركىيەدىمۇ ھەر يىلى 25 – يانۋاردا بۇ دائىرىدە نۇرغۇن پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز مىللىتىمىزنىڭ ئەر – ئايال ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ئۆز ھاياتى ۋە جەمئىيىتىدە ئاياللارغا قىلىنىۋاتقان مۇشتۇمزورلۇق توغرىسىدا ئاڭغا ئىگە قىلىشتۇر. تۈركىيە بۇ جەھەتتە خېلى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئاياللارغا مۇشتۇمزورلۇق قىلىشقا قارشى تۇرۇشنى تۈپ سىياسەتكە ئايلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ مەقسەتتە 2011-يىلى ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەتلەر مىنىستىرلىقىنى تەسىس قىلدۇق. بىز مىنىستىرلىقىمىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، قوللاپ، ياردەملىشىپ، ھەتتا زۆرۈر تېپىلغاندا كۈرەشكە ئىشتىراك قىلىش ئارقىلىق ئاياللارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى نامايان قىلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئاياللارغا مۇشتۇمزورلۇق قىلىشتىكى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى 2012-يىلى چىقارغان 6284 – نومۇرلۇق ئائىلىنى قوغداش ۋە ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى ئارقىلىق ئېلىپ باردۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر