فىدان تۈركمەنىستان ۋە جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مېرېدوۋ ۋە جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارك جىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قارشى تەرەپلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مېرېدوۋ ۋە جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارك جىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.
خاقان فىدان تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مېرېدوۋ بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايون مەسىلىلىرى ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.
مىنىستىر فىدان جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارك جىن بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپلىك سىياسىي - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خاقان فىدان ئەنقەرەدە ياۋروپا گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات بانكاسىنىڭ رەئىسى ئودىلې رېناد-باسسونىنى قوبۇل قىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.