ئەردوغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنى پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچ قوشۇشقا چاقىردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «غەززەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا يۈز بەرگەن تىراگېدىيە ئاللىقاچان ئىنساننىڭ سەۋر چېكىدىن ھالقىپ كەتتى» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە ئىشتىراك قىلىپ سۆز قىلدى؛ ئۇ تۈركىيەنىڭ كېپىللىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى بىخەتەرلىك پىلانىدا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
«يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھېچبىرىنى (ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى) ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بىلەن ئىزاھلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بارلىق ۋىجدان ئىگىلىرى قوبۇل قىلىدۇ» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ يەردە روشەن ھالدا ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىنماقتا. (20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىگە خىتابەن) سىلەرنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈڭلارغا ئېلىشقا چاقىرىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.