ئەردوغان ئابدۇلفەتتاھ ئەل بۇرھان بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۇدان مۇستەقىللىق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇلفەتتاھ ئەل بۇرھان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2065952
ئەردوغان ئابدۇلفەتتاھ ئەل بۇرھان بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان غەززەنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى ۋە پەلەستىنلىكلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈش تىرىشچانلىقلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە، ئىسلام دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەردە ئىتتىپاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى شۇنداقلا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى رىياد باشلىقلار يىغىنىدا ئېلىنغان قارارلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر