تۈركىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسلاھاتىنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ

تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سەدات ئۆنال: «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسلاھ قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا ۋە كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ» دېدى.

2065516
تۈركىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسلاھاتىنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سەدات ئۆنال ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ب د ت خەۋپسزلىك كېڭىشىنى ئىسلاھ قىلىش يىغنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئىسلاھات ئۈچۈن قۇرۇلغان بىرلەشمە گۇرۇپپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان ئېھتىياجىنى ئىنكار قىلىغىلى ۋە كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ بولۇپمۇ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ بۇنىڭ ئوچۇق ئىسپاتى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ : «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قۇرۇلمىسى پالەچ بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن پەلەستىندە ئۇرۇش توختىتىشتا مۇۋەپپەقىيەتسىز بولدى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى تۈگىتەلمىدى» دېدى.

ئۇ كەڭ دائىرىلىك ۋە ھەممىنى قۇچاقلايدىغان بىر مۇساپىنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئورتاق ياخشىلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنىڭ بارلىق ئەزالارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«رەت قىلىش ھوقۇقى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، دائىمىي ئەزالىق سالاھىيىتىنىڭ دېموكراتىيەگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىگە، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەقەت يۆلىنىش ۋە رايون خاراكتېرلىك ۋەكىللىك قىلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا سايلام ئارقىلىق ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغان ئەزالار بىلەن كېڭەيتىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. رەت قىلىش قىلىش ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ياكى بۇ ھوقۇقتىن پايدىلىنىشنىڭ چېكى بولۇشى كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى بىلەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنى ۋە كوردىناتسىيەنى كۈچەيتىش كېرەك.»

ئۇ ئاخىرىدا، سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:

«تۈركىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتى ۋە زۆرۈرلۈكى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتلەر ئارا مۇزاكىرەلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. مۇرەسسە بىلەن ئورتاق نۇقتىدا ئۇچرىشىش ئۈچۈن ھەسسە قوشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر