فىدان غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى قايتا تەكىتلىدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدە سېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ قارا دېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (KEİ) جۇغراپىيەسىگىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان خەۋپلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دەرھال ئۇرۇش توختىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

2065465
فىدان غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى قايتا تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋدە ئۆتكۈزۈلگەن قارا دېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنتلار بىرلەشمىسىنىڭ 62-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا، تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتىدە تېلېگرامما ئەۋەتتى.

ئۇ دۇنيانىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ۋە ۋابانىڭ تەسىرلىرىنى ھېس قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن تارتىپ يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنىڭ، ئىسىرائىلىيە-ھاماس ئىختىلاپىغا ھەر دائىم دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى خاتىرىلەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە سېلىۋاتقان زۇلمى، قارا دېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جۇغراپىيەسىگىمۇ ئېغىر خەۋپلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بىزنىڭ بۇنىڭغا تۇتىدىغان مەيدانىمىز ناھايىتى روشەن بولۇپ، دەرھال ئۇرۇش توختىتىلىشى كېرەك. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ ئىزچىل يەتكۈزۈلۈشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك. خەلقئارا قوبۇل قىلغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش فورمۇلاسىغا تايانغان تىنچلىق مۇزاكىرەلىرىگە قايتىش كېرەك. تىنچلىقنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان مېخانىزم تەسىس قىلىنىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تەۋرەنمەس قوللىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تىنچلىق ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ قارا دېڭىز كېلىشىمىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر