ئەردوغان غەززەلىك بىمارلارنى يوقلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غەززەدىن تۈركىيەگە ئېلىپ كىلىنىپ، ئەنقەرە بىلكەنت شەھەر دوختۇرخانىسىدا داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغان راك كېسىلى بىمارلىرىنى يوقلىدى.

2065262
ئەردوغان غەززەلىك بىمارلارنى يوقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غەززەدىن تۈركىيەگە ئېلىپ كىلىنىپ، ئەنقەرە بىلكەنت شەھەر دوختۇرخانىسىدا داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغان راك كېسىلى بىمارلىرىنى يوقلىدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا،  سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ۋە دوختۇرخانا باشلىقى پىروفېسسور ئەرجان يەنى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا دوختۇرلار ھەمراھ بولدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىمارلارنى ئايرىم-ئايرىم يوقلىدى ۋە ئۇلارغا سەۋر تىلىدى. دوختۇرلاردىن بىمارلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر