مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تېگىشلىك ئورنىغا ئېرىشىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇلىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2065013
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى ۋە 15-نويابىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن لەفكوشاغا بارغان مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس يىلماز، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىشخانسىىدا كۆرۈشتى.

يىلماز ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش قىزغىنلىقىنى چىن قەلبىدىن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ قىبرىس مەسىلىسىنى مىللىي دەۋا دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇ ساھەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار ئوتتۇرىغا قويغان باراۋەر ئىگىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا سالاھىيەتكە ئىگە ئىككى دۆلەت قارىشىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتارمۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش تەسەۋۋۇرىنى بويلاپ ئۆز يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ باراۋەر ئىگىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا سالاھىيىتىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزى جەريانىدا، قىبرىستا ئايرىم-ئايرىم ئىككى خەلق ۋە ئىككى دېموكراتىك دۆلەتنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىز ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ سۇسلاشتۇرۇلۇشىغا يول قويمايمىز. بۇنىڭ باشقا جايلارغا سۆرەپ كېتىلىشىنى ھەرگىز تەستىقلىمايمىز. بىز تۈركىيە بىلەن ماس قەدەمدە يولىمىزنى داۋام قىلىمىز» دېدى.

ئارقىدىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇرىيەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلغان جەۋدەت يىلماز، شەرەپ زالىدا مەجلىس باشلىقى تۆرە بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

يىلماز جۇمھۇرىيەت مەجلىسىدىن كېيىن، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئۈنال ئۈستئەلنى زىيارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر