مىنىستىر گۈلەر: تۈركىيە - گىرېتسىيە ئۆزئارا ئىشەنچ ئاشۇرۇش سۆھبەتلىرى ناھايىتى ئىجابىي ئۆتتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتىدىن كېيىنكى تۈركىيە - گىرېتسىيە ئۆزئارا ھەربىي ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ گىرېتسىيەدە ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2064823
مىنىستىر گۈلەر: تۈركىيە - گىرېتسىيە ئۆزئارا ئىشەنچ ئاشۇرۇش سۆھبەتلىرى ناھايىتى ئىجابىي ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر گۈلەر تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسىدە بايانات بېرىپ، گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ ناھايىتى ئىجابىي ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «ئىنشائاللاھ، بىز مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرىمىز. بىزمۇ كېيىنكى قېتىملىق يىغىن ئۈچن گىرېتسىيەگە بارىمىز. جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ زىيارىتىدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئۇ يەردە ئېچىلىدۇ. بىز بۇنى ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، كېلىشىم ھاسىل قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر گۈلەر يىغىننىڭ ۋاقتىنىڭ قارشى تەرەپ تەرىپىدىن بېكىتىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر