تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى (GAÖ) يىغىنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.

2064132
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە-گىرېتسىيە ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېچىلغان ئۆزئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى يىغىنىدا، تەدبىرلەرنىڭ 2024-يىلى بويىچە قايتا يولغا قويۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى (GAÖ) يىغىنىدا، ھەر ئىككى تەرەپ ھەيئىتىنىڭ باش ئەلچىلەر، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي خادىملار ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن تەركىب تاپقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، يىغىندىن كېيىن، تەرەپلەرنىڭ ئىلگىرى كېلىشكەن ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى 2024-يىلى بويىچە قايتىدىن يولغا قويۇش ۋە ئىجرا قىلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىكى 2023-يىلى 13–نويابىردا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى. ھەر ئىككى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكى باش ئەلچىلەر، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي خادىملار ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن تەركىب تاپتى. يىغىندا، ھەر ئىككى تەرەپ مەسئۇل ئورگانلارنىڭ تەستىقى بىلەن ئىلگىرى ماقۇللانغان ئۆزئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى 2024-يىلى بويىچە قايتا يولغا قويۇش ۋە ئىجرا قىلىش كېلىشمى ھاسىل قىلدى.  يىغىن ئىجابىي كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى. ھەر ئىككى تەرەپ يەنە، ماقۇللانغان ئۆزئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىلىشىش مېخانىزمى تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى. كېلەر قېتىملىق يىغىنغا، گىرېتسىيە ساھىبخانلىق قىلىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر