ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىنى قوللاش ئامېرىكانى نارازىلىق ئوبيېكتىغا ئايلاندۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىنى قوللىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نارازىلىق ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

2063004
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىنى قوللاش ئامېرىكانى نارازىلىق ئوبيېكتىغا ئايلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 16-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزبېكىستاندىن قايتىش يولىدا ئايروپىلاندىكى مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئەردوغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېننىڭ ئەنقەرە زىيارىتى جەريانىدا سوغۇق قارشى ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلەرگە باھا بېرىپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە رەسمىيەت قائىدە – تەرتىپلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

«دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈرۈلۈۋاتىدۇ، نېمىشقا؟ چۈنكى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىنى قوللاش ئامېرىكانى نارازىلىق ئوبيېكتىغا ئايلاندۇردى» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېننىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى ئەڭ باشتىلا يۈز بەردى. ئىسرائىلىيەگە بارغىنىڭدا، <مەن بۇ يەرگە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەمدە بىر يەھۇدىي سۈپىتىدە كەلدىم> دېسەڭ، ئۇنىڭ بىر بەدىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بەدىلى نېمە؟ بۇنىڭدىن بەدىلى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بىر يېرىم مىليون ئادەمنىڭ ئىستانبۇل يەنىكاپىغا توپلىنىشىدۇر... تۈركىيەنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىدۇر. ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە ئامېرىكادا ئاقساراينىڭ ئالدىغا مىڭلارچە ئادەم يىغىلدى. بۇلار بىر ئىشارەت پىلتىسىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۆزلىرىنىڭ دىپلوماتىيەنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىنسان مەركەزلىك پوزىتسىيەلەرنى ئەمەلىي ساھەدە قوللاشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇن بۇ رەزىل ئۇرۇشنى ۋاقتىدا توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ. ھېچكىم ئۆزىنى خەلقئارانىڭ قانۇننىڭ سىرتىدا قويماسلىقى كېرەك ۋە بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە، ھەممە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى لازىم. ئەپسۇسكى، ئىسرائىلىيە مەن تىلغا ئالغان بىپەرۋالىقنىڭ مەركىزى. ئىسرائىلىيە مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغۇچە، رايونىمىزدا ياكى دۇنيادا تولۇق تىنچلىق ۋە تولۇق خەلقئارالىق قانۇنىي تەرتىپتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئەردوغان نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ 60-70 پىرسەنتىنىڭ باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ پۇقرالارنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشتەك بىر مەسىلىسىنىڭ يوقلۇقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان: «ئەكسىچە، قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىش، ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدىكى پەلەستىنلىكلەرنى قويۇپ بېرىشى. ھازىر، بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ ئىشقا ئارىلاشساق، ئىسرائىلىيەنىڭ قىلىشى كېرەك بولغان بىردىنبىر ئىش، پەلەستىنلىكلەرنى تېزدىن قويۇپ بېرىشى، يەنە بىر تەرەپتىن ھاماسنىڭمۇ قولىدىكى ئىسرائىلىيەنى قويۇپ بېرىشىدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر