خەلق ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى
غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 85 – خاتىرە كۈنىدە نۇرغۇن ئامما ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى – ئانىتقابىرنى زىيارەت قىلدى.
2063065
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئاتاتۈركنىڭ جەسىتى قويۇلغان ئانىتقابىر، 10-نويابىر مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدىكى دۆلەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمدىن كېيىن زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.
تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئامما، ئاتاتۈركنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىپ، دۇئا قىلدى ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇردى.
ئامما، ئەسكەرلەرنىڭ قاراۋۇللۇق ئالماشتۇرۇش جەريانىدىكى مۇراسىنىمۇ قىزىقىش ئىچىدە تاماشا قىلدى.
ئانىتقابىردىكى ياڭراتقۇلاردا ئاتاتۈركنىڭ 10 - يىل نۇتقىنىڭ ئاۋاز خاتىرىسى ئۈزلۈكسىز ياڭراپ تۇردى.