بۈگۈن مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ۋاپاتىغا 85 يىل بولغان كۈن...

ھەربىي ۋە سىياسىي تالانتى بىلەن تۈركىيە ھەمدە دۇنيا تارىخىدا نامى ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، 1938-يىلى 10-نويابىر ئىستانبۇل دولماباھچە سارىيىدا 9 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە كۆزىنى مەڭگۈگە يۇمدى.

2062859
بۈگۈن مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ۋاپاتىغا 85 يىل بولغان كۈن...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 85 يىللىقىدا، مەملىكەت مىقياسىدا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلاردا ھەر خىل مۇراسىملار بىلەن خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

پايتەخت ئەنقەرەدە، دۆلەت ئەركانلىرى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خاتىرە سارىيىدىكى بېغىشلىما دەپتىرىگە: «ئەزىز ئاتاتۈرك ۋاپاتىڭىزنىڭ 85-يىلىدا سىزنى، سەپداشلىرىڭىزنى، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن قېنى تۇپراققا تۆكۈلگەن قەھرىمان شېھىتلىرىمىزنى، ئورتاق غايە ئۈچۈن قان تۆككەن غازىلىرىمىزنى مىننەت بىلەن ياد ئېتىمىز. تۈركىيەنىڭ يۈكسېلىشىگە، تۈركىيە ئەسىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋە خەلقىمىزنىڭ بىر ئەسىردىكى نىشانىغا يېتىشىگە ھېچقانداق كۈچ توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ» دەپ يازدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 85 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ بىرىنچى رەئىسى، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 85-يىلىدا، ئۇنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز. روھى شاد بولسۇن. ئەزىز ۋەتىنىمىز ئۈچۈن قانلىرىنى پىدا قىلغان شېھىتلىرىمىزنىڭ، غازىلىرىمىزنىڭ ماكانى جەننەت بولسۇن» دېدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى ئۆتكۈزۈلىدىغان رەسمىي مۇراسىمغا ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىكى خاتىرىلەش پىروگراممىسىغا قاتنىشىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانمۇ ئاتاتۈرك ۋاپاتىنى خاتىرىلەپ، ئېكس (X) ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى.

ئۇ: «مىللىي تاشقى سىياسىتىمىز ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىرادىمىزنى، بۇ ۋەسىلە بىلەن يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىمىز. غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك باشچىلىقىدىكى ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ بارلىق قەھرىمانلىرىنى مىننەت ۋە رەھمەت بىلەن ئەسلەيمەن» دېدى.

دىنىي ئىشلار ئىدارىسىمۇ ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 85 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، «100-يىلىنى تەبرىكلىگەن جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ھۆرمەت ۋە مىننەت بىلەن ئەسلەيمىز »دەپ تېلېگرامما ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر