ئەردوغان رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 16- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى مۇناسۋىتى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتكە بارغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى.

2062625
ئەردوغان رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت رەئىسىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنسانىي كىرىزىس ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر بىلەن تۈركىيە - ئىران مۇناسىۋىتى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىغىن جەريانىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنىڭ رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنىدا ئادىل ھەل قىلىش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

تۈركىيەنىڭ كېپىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئورتاق پوزىتسىيەنى نامايان قىلىپ، ئىسرائىلىيەگە بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر