ئەردوغان مىرزىيايېۋ بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

2062178
ئەردوغان مىرزىيايېۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پايتەخت تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان 16- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا بارغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكسىتان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ بىلەن يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە، پەيشەنبە كۈنى يىغىن ئەھلىگە خىتاب قىلىشى ۋە ئىشتىراكچى رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈشى پىلانلانماقتا ئىكەن.

باشلىقلار يىغىنىدا، «تۈركىيە قۇرغۇچى ئەزا بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودا، قاتناش تورى ۋە ئالاقىنى ياخشىلاش» قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر