ئەردوغان ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەتە ئۆزبېكسىتان زىيارەتتە بولىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 8-، 9 – نويابىر كۈنلىرى ئۆزبېكسىتاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە چاقىرىلىدىغان 16 – قېتىملىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشىتراك قىلىدۇ.
ئەردوغان يىغىن جەريانىدا، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىدۇ ۋە رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ.
يىغىندا، ئىسرائىلىيەنىڭ 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشى، پەلەستىنگە كېچىكمەستىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يوللىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئەزا دۆلەتلەر ئارا سودا، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەسى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا قەدەملەر تاشلىنىدۇ.
رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىنىدا، رايون بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى تاش يوللارنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدىغان زەنگەزۇر كارىدورىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.