ئەردوغان تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستاندە چاقىرىلغان 10 – نۆۋەتلىك يىغىنى دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى.

2060156
ئەردوغان تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: "TC-TUR"  ناملىق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 7:00 دە ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرۇمىغا يېتىپ كەلگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز، ئىستانبۇل ۋالىيسى داۋۇت گۈل ۋە باشقا ئالاقىدار ئەمەلدارلار كۈتۈۋالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر