تۈركىيە ئىسرائىلىيەدىكى باش ئەلچىسىنى ئەنقەرەگە چاقىردى

تۈركىيە تېل ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شاكىر ئۆزكان تورۇنلارنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە چاقىردى.

2060306
تۈركىيە ئىسرائىلىيەدىكى باش ئەلچىسىنى ئەنقەرەگە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىنى قوبۇل قىلماي، پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە تېل ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شاكىر ئۆزكان تورۇنلارنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە چاقىردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىنى قوبۇل قىلماي، پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە (غەززەگە) ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كىرىشىگە يول قويمىغانلىقى سەۋەبىدىن غەززەدە ئوتتۇرىغا چىققان پاجىئەلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، تىل ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىمىز شاكىر ئۆزكان تورۇنلارنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن، ئەنقەرەگە چاقىرتىش قارار قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ۋە مەسجىدى ئەقسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس ئورۇنلارنىڭ  ھۆرمەت ۋە ھوقۇقىنى ئىزچىل دەپسەندە قىلىشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ غەززەنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلىشنى باشلىغانىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ئىككى تەرەپتە مىڭلارچە ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر