فىدان: قىبرىس تۈركلىرىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئادالەتسىزلىككە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك

خاقان فىدان: «بىز قىبرىس تۈرك خەلقىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئادالەتسىز ۋە ئادىمىيىلىككە يات يالغۇز قالدۇرۇشقا ھەممىمىز بىرلىكتە تۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

2059944
فىدان: قىبرىس تۈركلىرىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئادالەتسىزلىككە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىقنىڭ كۈنسېرى تۈزۈملىشىش ۋە چوڭقۇرلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر خاقان فىدان قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 10- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ، « بىز قىبرىس تۈرك خەلقىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئادالەتسىز ۋە ئادىمىيىلىككە يات يالغۇز قالدۇرۇشقا ھەممىمىز بىرلىكتە تۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قوللاشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر