ئەردوغان قازاقىستاندا

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 10 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستاناغا يېتىپ باردى.

2059610
ئەردوغان قازاقىستاندا
erdoğan-kazakistan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانادا چۈشكەن مېھمانسارايدا قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ ۋە ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2 – 3 – نويابىر كۈنلىرى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا «تۈرك دەۋرى» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆزبېكىستاندىن قازاقىستان ئۆتكۈزۈۋالىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا، رەھبەرلەر تەشكىلات قارمىقىدا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش پائالىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.

رەھبەرلەر يەنە 11-ئاينىڭ 3-كۈنى دۇنياۋى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە  ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ يەردە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاب قىلىدىكەن، ھەمدە رەھبەرلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر