جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى ئىسرائىلىيەگە رەددىيە بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتقا قارشى كۈرەش مەركىزى ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا رەددىيە بەردى.

2059261
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى ئىسرائىلىيەگە رەددىيە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتقا قارشى كۈرەش مەركىزى ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلىرىدە تارقىتىلغان فوتو سۈرەتلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەتۈر تەشۋىقاتقا قارشى كۈرەش مەركىزىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلىرىدە تارقىتىلغان فوتو سۈرەتلەردە، ھاماسنىڭ بالىلارغا تەن جازاسى بەرگەنلىكى، ئۇلارنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، بۇ پۈتۈنلەي يالغان.»

«مەزكۇر فوتو سۈرەتلەرنى تەكشۈرگەن مۇتەخەسسىسلەر يىلتىزى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان چىشلارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ، بۇ چىشلارنىڭ بالىلارنىڭ چىشى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.»

مۇتەخەسسىسلەر بۇ فوتو سۈرەتلەر ھەققىدە مۇنداق يەكۈن چىقاردى: «بۇ فوتو سۈرەتلەردىكى چىشلارنىڭ يىلتىزى ۋە قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرگەندە، بۇ چىشلارنىڭ ئەسلى چىش ئىكەنلىكىنى، بالىلارنىڭ چىشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر