ئەردوغان: ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ياۋروپا ۋە ئامېرىكانىڭ شەرتسىز قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى، تولۇق 25 كۈندىن بۇيان پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا» دېدى.

2058619
ئەردوغان: ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتى جەريانىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە توختىلىپ: «غەززەلىك قېرىنداشلىرىمىز 7- ئۆكتەبىردىن بۇيان ناھايىتى ئېغىر زۇلۇم ۋە رەھىمسىزلىككە دۇچار قىلىنماقتا. ياۋروپا ۋە ئامېرىكانىڭ شەرتسىز قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى، تولۇق 25 كۈندىن بۇيان پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا» دېدى.

راك بىمارلىرىنى داۋالايدىغان تۈركىيە- پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلىكىنىڭ ئەڭ يېڭى قۇربانى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «بىز دۆلەت ئەقلىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، تەشكىلاتقا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيەنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە تېز توختىتىش كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز... ئىسرائىلىيەنىڭ بىۋاسىتە ھالدا پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، ھازىرغىچە كۆپىنچىسى بوۋاقلار، بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ 8500 پەلەستىنلىك شېھىت قىلىندى. بىزنىڭ غەززەدە سادىر قىلىنغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى جاۋابكارلىرىنىڭ قانۇن ئالدىدا جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش يولىدىكى خىزمەتلىرىمىز داۋام قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ توقۇنۇشنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەر، ئادىل ۋە شەرەپلىك پوزىتسىيەسىنىڭ بۈگۈنمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان: «25- كۈنىنى ئارقىدا قالدۇرغان بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، ئاندىن مەڭگۈلۈك تىنچلىقنىڭ يولى ئېچىلىشى كېرەك. بىز بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان <پەلەستىن- ئىسرائىلىيە خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى> نىڭ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق سۇپا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ رايوندىكى كۈچلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ يېڭى بىخەتەرلىك مېخانىزمى ئورنىتىشنى زۆرۈر دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ قەدەم تاشلانسا، تۈركىيەنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئەردوغان: «غەرب دۇنياسى، بولۇپمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرى غەززەدىكى ئىنسانلىق سىنىقىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتەلمىدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەردوغان يەنە، تۈركىيەنىڭ بىر قىسمى غەززەلىكلەرنىڭ قولىغا يەتكەن ياردەم ماتېرىياللىرى ئومۇمىي ھەجىمىنىڭ 213 توننىغا يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر