ئەردوغان تەكالەنى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇھەممەد تەكالەنى پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە قوبۇل قىلدى.
2058981
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىۋىيە دۆلەت ئالىي كېڭىشى باشلىقى مۇھەممەد تەكالەنى پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە قوبۇل قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن مۇھەممەد تەكالەنىڭ ئۇچرىشىشىغا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى نۇمان قۇرتۇلمۇشمۇ قاتناشتى.