چەلىك: جىبالىيا مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلىنغان ھۇجۇم ئالدىن پىلانلانغان قىرغىنچىلىقتۇر

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى جىبالىيا مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلغان ھۇجۇمىغا «ئالدىن پىلانلانغان قىرغىنچىلىق» دەپ باھا بەردى ۋە ئۇنى ئەيىبلىدى.

2058651
چەلىك: جىبالىيا مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلىنغان ھۇجۇم ئالدىن پىلانلانغان قىرغىنچىلىقتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەلىك ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالار ۋە بىگۇناھ كىشىلەر جايلاشقان غەززەدىكى جىبالىيا مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلغان رەھىمسىز ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەڭ ئاساسلىق ئىنسانىي قىممەتلەر ۋە خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلغان بۇ رەھىمسىز ھۇجۇمنىڭ، پىلانلىق قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن چەلىك: «<بىز ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە ھېچقانداق قىزىل سىزىق كۆرسەتمەيمىز> دېگەن دۆلەتلەرمۇ بۇ قىرغىنچىلىققا ئىلھام بەردى. ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان دۆلەتلەنىڭ، غەززەلىك ئاياللار بىلەن بالىلارنىڭمۇ ياشاش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالماسلىقى ئىنسانىيەت ئۈچۈن نومۇس. <ئىسرائىلىيەگە ئۇرۇش توختىتىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز> دەپ قورال ئەۋەتكەنلەر، قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ تۈنۈگۈن غەززەدىكى جىبالىيا مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 100 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر