كوجا: تۈركىيە-پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈلىدۇ

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيە-پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇلازىمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2058216
كوجا: تۈركىيە-پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەززەدىكى تۈركىيە تەرىپىدىن سېلىنغان تۈركىيە-پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ ئەتراپىنىڭ تۈنۈگۈن (30-ئۆكتەبىر) شۇ جاي ۋاقتى سائەت 23:00 ئەتراپىدا بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئەتراپى قاتتىق بومباردىمان ئاستىدا قالغان تۈركىيە-پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسى غەززەدىكى بىردىنبىر راك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بولۇپ، بىمارلارنىڭ ھازىر بۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىشتىن باشقا ھېچقانداق تاللاش يولى يوق. ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان راك بىمارلىرىنىڭ دورىلىرى ئاللىقاچان تۈگەپ كەتكەن. دوختۇرخانا خادىملىرىنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىش-كېلىشى، قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ بىمارلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس. بۇمۇ ھەممىگە ئايان، ئەلۋەتتە.»

«دۆلىتىمىزنىڭ غەززەدە سالغان راك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇلازىمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈلىدۇ. بىر دوختۇرخانىنىڭ ئەتراپىدا ھەرىكەتلىنىدىغان ھەممە نەرسىنى بومباردىمان قىلىۋاتقانلار، ئىنسانلارنىڭ ۋىجدان مەھكىمىلىرىدە جاۋابكارلىققا تارتىلىشقا تەييارلىنىشلىرى كېرەك.»

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA»، غەززەدىكى تۈركىيە-پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا بېسىپ كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلارچە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر