ئىراقنىڭ شىمالىدا 6 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 6 تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.

2057881
ئىراقنىڭ شىمالىدا 6 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 6 تېررورچىنىڭ  بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، رايوندا ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «قەھرىمان قىسىملىرىمىز ئەزىز خەلقىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارنى تازىلاشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر