ئەردوغان توقايېۋ بىلەن ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسلىسىنى مۇزاكىرەلەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2057483
ئەردوغان توقايېۋ بىلەن ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسلىسىنى مۇزاكىرەلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسدىكى يازمىسىغا ئاساسلانغاندا، قازاقىستان پىرېزىدېنتى جومەرت توقايېۋ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقىنى تەبرىكلىگەن.

ئىككى رەھبەر تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئىسرائىلىيە -پەلەستىن توقۇنۇشىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى، تۈركىيەنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە 3-نويابىر (2023) قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنلارنى ئاياق- ئاستى قىلىشىنى توسۇش، ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش ۋە توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تاشلىنىشقا تېگىشلىك  قەدەملەرنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەردوغان سۆھبەتتە، قازاقىستاننىڭ قاراگاندى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كان ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئالاھىدە تەزىيە بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر