بۈگۈن جۇمھۇرىيەتنىڭ 100-يىللىق بايرىمى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىللىقى مەملىكەت مىقياسىدا مەخسۇس پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلەندى.
2057387
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرە بىلەن ئىستانبۇل 29 -ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى تەبرىكلىنىدىغان ئىككى مۇھىم مەركەز بولدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە دۆلەت ئەركانلىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى داھىي مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسى جايلاشقان خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلىدۇ.
جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغان بىرىنچى مەجلىس (پارلامېنت) تىمۇ ئالاھىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇراسىمدا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىن ئۇلۇسقا «جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100-يىلى» دەپ ئاتالغان پارات ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ ئۈستىدە ئايروپىلان ئۇچۇش نومۇرى كۆرسىتىلىدۇ.